باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى

2017.02.24 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى چارۋىچىلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، 2017-يىلىدىكى چارۋىچىلىق تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئىگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى خاركىن خابدۇكېرىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2016- يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى، چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى چۆرىدىگەن ئاساستا، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك سىياسەت-بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە گۆش تۈرى، قۇش تۇخۇمى مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 2 مىليون 850 مىڭ توننا ۋە 620 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3.1 ۋە %3.7 ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر