باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەندە يېڭىدىن ئۈچ جايدا دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى (سىناق نۇقتىسى) ۋە بىر جايدا 5A
دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۆپەيدى

2017.02.27 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىڭتۈەندە يېڭىدىن ئۈچ جايدا دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى (سىناق نۇقتىسى) كۆپىيىپ، بىڭتۇەندە دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.

  2- ئاينىڭ 23- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۈچ سۇلۇق يەر باغچىسى (سىناق نۇقتىسى) ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىڭتۈەن 2ـ شىسى چارەك كۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، بىڭتۈەن 7 ـ شىسى توغراق دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، بىڭتۈەن 10 ـ شىسى فېڭ چىڭ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىن ئىبارەت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10- شىسى 185- تۇەنىدىكى بەيشا كۆلى مەنزىرە رايونى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ تەستىقلىنىپ، بۇ رايوندا 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولماسلىقتەك تارىخىغىمۇ خاتىمە بېرىلدى.

  بىڭتۇەن ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، بۇ قېتىم تەستىقلانغان ئۈچ جايدىكى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى (سىناق نۇقتىسى) بىڭتۇەننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بولۇپ، ئىقتىدارى تولۇق، لېكىن ئاسراش ۋە يېتىشتۈرۈش رايونى، مۇۋاپىق پايدىلىنىش رايونى، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قۇرۇش رايونى، تەشۋىقات-تەربىيە كۆرگەزمە رايونى، باشقۇرۇش مۇلازىمەت رايونى دېگەندەك رايونلار يوق، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى (سىناق نۇقتىسى) بەش يىلدىن كېيىن رەسمىي دۆلەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر