- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئاتامانى قولغا ئېلىندى
2017.02.27 16:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى تۈنۈگۈن تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جېكبايېف شۇ كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ماناس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىندى.
قىرغىزىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى 25-فېۋرال جېكبايېف ئۈستىدىن چېرىكلىك ۋە ئالدامچىلىققا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار داۋاسى قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر داۋا جېكبايېفنىڭ 2010-يىلى قىرغىزىستاندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولغاندا رۇسىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىدىن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى پارا ئالغان دەپ گۇمان قىلىندى ھەمدە ئۇ بۇ مەبلەغ سالغۇچىنى قىرغىزىستاننىڭ بىر خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش ئېتىبارلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر