باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ يىل جابدۇقلىرىغا 160 يېڭىچە ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار كۆپەيتىلىدۇ

2017.02.27 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى باندالېۋ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ بۇ يىللىق جابدۇقلىرىغا 160غا يېقىن يېڭىچە ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار كۆپەيتىلىدۇ.

  بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى باندالېۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى بۇ يىل تەخمىنەن 140 يېڭىچە ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار كۆپەيتىدۇ، بۇنىڭغا دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنى قوشقاندا، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ھەربىي ئايروپىلان 160كە يېقىنلىشىدۇ. ھازىر رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۈرلۈك قىسىملىرىنىڭ ئۇچۇش قۇرۇلمىسىنىڭ سەپلىنىش نىسبىتى 100 پىرسەنتكە كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىچە جابدۇقلارنىڭ نىسبىتى 55 پىرسەنتكە يېقىنلاشقان.

  رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، 2020-يىلىغا بارغاندا، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى 900دىن ئارتۇق يېڭىچە ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار كۆپەيتىدىكەن ھەمدە 900 ئايروپىلان، تىك ئۇچارنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى تاماملاپ بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر