- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى
2017.02.27 16:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ ئۆتكەن 11 ئايدىكى نېفىتتىن سىرت قىلغان سودا سوممىسى 76 مىليارد 970 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.8 پىرسەنت ئاشقان، تاشقى سودا ئاكتىپ بالانسى 77 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئىران تاموژنىسىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن 11 ئايدا جۇڭگونىڭ ئىرانغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان، ئۇنىڭدىن قالسا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كورېيە ۋە تۈركىيە بولغان، جۇڭگونىڭ ئىرانغا قىلغان ئېكسپورتى ئاشقان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 15.02 پىرسەنت، كورېيەنىڭ 9.57 پىرسەنت، تۈركىيەنىڭ 10.99 پىرسەنت ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ئىراننىڭ ئەڭ كۆپ ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلانغان، ئۇنىڭدىن قالسا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىراق ۋە تۈركىيە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئىراندىن قىلىدىغان ئىمپورتىنىڭ ئېشىشىمۇ ئەڭ چوڭ بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر