خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭنىڭ شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىككى تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پايتەخت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى ئېسىل، ئۆزگىچە، قالتىس ئۆتكۈزۈشنى كۆزلەپ، پايتەخت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.
باش باھاردا قاردىن كېيىنكى پايتەخت قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلوڭ، شەھەر باشلىقى سەي چىنىڭ ھەمراھلىقىدا 23-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە بېيجىڭ شەھىرىدە شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى.
شى جىنپىڭ 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ يېڭى ئايروپورتى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈردى. بېيجىڭ يېڭى ئايروپورتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىليون ئادەم (قېتىم) بولۇش، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇش سانى 880 مىڭ قېتىم بولۇش پىلانلاندى، قۇرۇلۇش 2014-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2019-يىلى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى