باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن چىقىرىلدى، خىزمەت-ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2017.02.27 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىمنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئابدۇرازاق سايىمنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات قوبۇل قىلىش؛ خىزمەت ھوقۇقى ياكى مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە دەپ قويۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن پايدا ئالغان، تەلەپ قىلغان، زور سوممىدا پۇل، مال ئېلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، ئابدۇرازاق سايىمغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەت-ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر