- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل، ئېلىمىزدىكى 100 ناھىيەدە يېزا كوللېكتىپ مال-مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ
2017.02.27 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا كوللېكتىپ مال-مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. مۇخبىرنىڭ يېقىندا نەنچاڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزا تىجارىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئېلىمىزدىكى 100 ناھىيەدە يېزا كوللېكتىپ مال-مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن شياۋخۇا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ بايلىقى مول، تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەر 6 مىليارد 690 مىليون مو، تۈرلۈك ھېسابتىكى مال-مۈلكى 2 ترىللىئون 860 مىليارد يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى زور مىقتاردىكى مال-مۈلكى «ئۇيقۇ» دا بولۇپ، تازا ياخشى ئېچىلىپ پايدىلىنىلمىدى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، مال-مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى ئېنىق، ئوبوروتى راۋان، قوغداش قاتتىق ئەمەس. يېزا ئىسلاھاتىنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى جېڭى-يېزا كوللېكتىپ مال-مۈلۈك تۈزۈمى ئىسلاھاتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر