باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقىنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بىرلەشتۈرۈشى «بەش خىل سۇغۇرتىنى تۆت خىل سۇغۇرتىغا ئۆزگەرتىش» ئەمەس

2017.02.27 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 24-فېۋرال تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل 6-ئايدىن بۇرۇن 12 سىناق نۇقتا رايونىدا ئىككى خىل سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى خىل سۇغۇرتىنىڭ بىرلەشتۈرىلىشى تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئاددىي كىرگۈزۈش بولماستىن، بەلكى ھەرقايسىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قالدۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت.

  ھازىر قىسمەن تاراتقۇلار ۋە جامائەت بۇ ئىككى خىل سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش «بەش خىل سۇغۇرتىنى تۆت خىل سۇغۇرتىغا ئۆزگەرتىش» دەپ قارايدۇ، بۇ خىل چۈشىنىش مۇكەممەل، توغرا ئەمەس. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى داۋالاش سۇغۇرتىسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن چىڭخۇي سۆھبەتتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا سېلىشتۇرغاندا، تۇغۇر سۇغۇرتىسى خاس فۇنكسىيەگە ئىگە ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتى بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساقلاپ قېلىش زۆرۈرىيىتى بار: بىرىنچىدىن، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ئالاھىدە فۇنكسىيەسىگە ئىگە. ئىككىنچىدىن، تۇغۇت سۇغۇرتىسىدا خوجايىنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز. ئۈچىنچىدىن، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىمۇ داۋالىنىش تەمىناتىغا ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇغۇت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى ئەينەن يوللىنىپ ئاتچوت قىلىنىدىغان بولۇپ، تۇغۇت ياردەم پۇلى تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇغۇت ياردەم پۇلىنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندىدىكى چىقىمى ئەڭ كۆپ بولۇپ، فوند چىقىمىنىڭ تەخمىنەن %6- تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى چىقىمى ئارقىلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر