باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئوقۇش يېشىنىڭ ئاخىرقى كۈنىنى ھەر قايسى ئۆلكىلەر بېكىتىدۇ

2017.02.27 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 22-فېۋرال «2017-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇسا بولىدىغان بالىلارنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئېيىنى، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇن-بەلگىلىمە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بىر تۇتاش پىلانلاپ بەلگىلەيدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى بۇنىڭدىن كېيىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئوقۇش يېشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولمايدۇ.

  ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى بىردەك بولمىدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش يېشىنى تېخىمۇ ئېلاستىكىلاشتۇرۇش كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىدۇر.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»دا، ئالتە ياشقا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ بەلگىلەنگەن مۇددەت بويىچە مەجبۇرىي تەربىيەلىنىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ئادەتتە 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئالتە ياشقا توشقان بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك، بۇمۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئوقۇش يېشىنىڭ ئاخىرقى كۈنىنىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بولۇشىدىكى سەۋەب.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم بېسىپ تارقاتقان «ئۇقتۇرۇش»تا، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئوقۇش يېشىنىڭ ئاخىرقى كۈنىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بېكىتىش ھوقۇقىنى جايلارغا بەردى، نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇش يېشىنىڭ ئاخىرقى كۈنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بولمايدىغان بولدى، دەپ قارىدى. بۇنى بەز ئاتا-ئانىلار قوللاپ مۇنداق دېدى: ھازىر بالىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاتا-ئانىلارغىمۇ ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. بۇنداق بولغاندا بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر