باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىن بەھرلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.02.27 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۇ جۈن 24-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش ئارقىلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى تۇغۇر سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرلەندۈرۈپ، تۇغۇت يېشىدىكى قىسمەن ئاياللارنىڭ «تۇغۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق» مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا پايدىلىق. يۇ جۈن 24-فېۋرال خېفېيدا ئېچىلغان تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تۈرلۈك سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش تەلىپى تولۇق نامايان قىلىنىپ، بايلىق ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق؛ فوندنىڭ ياردەم بېرىش ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، سىجىل تەرەققىياتقا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر