باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە لىفىتنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2017.02.27 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گۈيياڭ شەھىرىدە ئېچىلغان «مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى يىغىنى»دىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى شەھەرلىرىدىكى لىفىتنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز لېفىت مەھسۇلات مىقدارى، لىفىت ئومۇمىي مىقدارى، لىفىت ئېشىش نىسبىتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، لىفىتتە كاشىلا يۈز بېرىشمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. لىفىتنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىش لىفىتلەردىكى قۇتقۇزۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پىرىيوم قىلىش، ئاسراش، مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى بېرىكىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لىفىتلەردىكى جامائەت بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئىكەن.

  دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن-پىرىيوم باش ئىدارىسى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيا گودوڭ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە يوشۇرۇن خەۋپى بار 39 مىڭ 700 لىفىت تۈزەلدى، لىفىت ھادىسىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. جايلار قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇردى، مەملىكەت بويىچە لىفىتكە قارىتا مەخسۇس تۈزۈلگەن يەرلىك نىزام ۋە قائىدىلەر 57 يۈرۈشكە يەتتى، لىفىتنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلغان شەھەرلەر 104كە كۆپىيىپ، جىددىي ئىشلار سۇپىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە قاپلاش دائىرىسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر