باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيەسى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ۋەزىيىتى يارىتىشنى باشلىدى

2017.02.27 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپرېلدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىلمىسىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ تەشۋىق قىلىشقا ۋەزىيەت يارىتىش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلاش ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈلۈشكۈن پايتەخت ئەنقەرەدە نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك يىغىلىش قىلدى.

  21-يانۋار تۈركىيە بۈيۈك خەلق پارلامېنتى 339 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ماقۇللىدى. بىراق قوللاش ئاۋازى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى كېرەكلىك پارلامېنتتىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەچكە، بەلگىلىمە بويىچە ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى يولغا قويۇش قويماسلىق قارار قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى ئاز دېگەندىمۇ 51 پىرسەنت تۈركىيەلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە ئاندىن ماقۇللىنىدىكەن. تۈركىيە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا 16-ئاپرېل ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر