باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جاڭ ۋېنچياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن چىقىرىلدى، خىزمەت-ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2017.02.27 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ش ئۇ ئا ر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق رەئىسى جاڭ ۋېنچياڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ ۋېنچياڭنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغانلىقى؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش ئىشلىرىدا باشقىلاردىن پايدا كۆزلەپ پۇل-مېلىنى ئالغانلىقى؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغات قوبۇل قىلغانلىقى؛ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلاردىن پايدا كۆزلىگەن ھەم باشقىلاردىن زور سوممىلىق پۇل- مال پارا ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، جاڭ ۋېنچياڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەت-ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر