باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىق چارلاش-ئېچىش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى زېڭ شياۋگاڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن چىقىرىلدى، خىزمەت-ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2017.02.27 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر گېئولوگىيە قېزىلما بايلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى زېڭ شياۋگاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زېڭ شياۋگاڭنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغانلىقى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى، خۇسۇسىي بەزمىخانىلارغا كىرگەنلىكى، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ساياھەت قىلغان ۋە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلەتكەنلىكى؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش ئىشلىرىدا باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن ۋە پۇل-مېلىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ شۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقى؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات قوبۇل قىلغانلىقى؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، قېزىلما بايلىق چارلاش، ئېچىش پائالىيىتىگە قول تىققانلىقى ۋە قائىدىگە خىلاپ ئارىلاشقانلىقى؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى؛ دۆلەتنىڭ قانۇن ـ نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئومۇمنىڭ پۇل – مېلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسى جەھەتتىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ كارخانا تىجارىتى، بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا باشقىلاردىن پايدا ھەم پارا تەلەپ قىلغانلىقى، نۇرغۇن پۇل–مال ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، زېڭ شياۋگاڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسىنى ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئىگىلىۋالغان ئومۇمنىڭ مۈلكىنى قايتۇرغۇزۇش، ئومۇمنىڭ پۇلىدا ساياھەت قىلغان چىقىمىنى تۆلەتكۈزۈش، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر