- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇتەخەسسىسلەر ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجىئەت قىلدى
2017.03.01 14:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىت تەرەققىيات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان "ئۆي ئىچى ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئائىت كاتتىباشلار مۇنبىرى" ناملىق بىر مەيدان يىغىندا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش مۇھىتىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ يەنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ناچار بولسا، بولۇپمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋا كۆپ پەيدا بولسا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ۋە شارائىتى نۇرغۇن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.»
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆي ئىچى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ سالامەتلىككە يەتكۈزىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۆي ئىچى ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ، قۇرۇلۇش لايىھەلەش باسقۇچىدا ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا سۈپەت ئۆلچىمىنى ئويلىشىىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر