باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 100 مىڭ ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ

2017.03.01 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئىچىدە 100 مىڭ ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىلەرنى "ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر" قاتارىدا قاراش، ھەمدە بۇ خىل ھالەتنى تۈگىتىش مېخانىزمىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن بەشنى بەرپا قىلىپ، 4000 ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە 12 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. ھەمدە، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنى بېكىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»نى يولغا قويىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى كۆلەم ۋە ئۈنۈم بويىچە، شەھەر دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بازىسىغا بىر مىليون يۈەندىن ئاشمىغان ھالدا يۆلەش مەبلىغى بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر