باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال ئەرز-شىكايىتىگە ئائىت بۇلتۇرقى 10 چوڭ قىزىق نوقتىنى ئېلان قىلدى

قاتناش قورالىغا ئائىت ئەرز-شىكايەت بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ، ئۇششاق تاۋارلار ئۈستىدىكى ئەرز-شىكايەتمۇ تۇنجى قېتىم قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

2017.03.01 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- فېۋرال ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىستېمال ئەرز-شىكايىتىگە ئائىت بۇلتۇرقى 10 چوڭ قىزىق نۇقتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا، قاتناش قورالىغا ئائىت ئەرز-شىكايەت بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇششاق تاۋارلار ئۈستىدىكى ئەرز-شىكايەتمۇ تۇنجى قېتىم قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان.

  شۇ كۈنى، 2017- يىللىق «15- مارت» تەشۋىقات ئېيى ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت ئېيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىستېمال ئەرز-شىكايىتىگە ئائىت بۇلتۇرقى ئون چوڭ قىزىق نوقتىنى ئېلان قىلدى، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: قاتناش قوراللىرى، خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ، باش كىيىم، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، تېلېگراف مۇلازىمىتى، يېمەك-ئىچمەك ۋە ياتاق مۇلازىمىتى، ئۇششاق تاۋارلار، يۈك-تاقلار يۆتكەش مۇلازىمىتى ۋە بېزەكچىلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار .

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قوبۇل قىلغان 50764 تۈرلۈك ئىستېمال ئەرز-شىكايىتىنىڭ ئىچىدە، 50102 تۈرلۈك ئەرز بېجىرىلگەن. بېجىرىلىش نىسبىتى %98.70 بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ 51 مىليون 280 مىڭ 300 يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇپ كېلىنگەن.قوبۇل قىلىنغان ئەرز-شىكايەتلەر ئىچىدە، قاتناش قوراللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەرز 5396 تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي ئەرز قىلىش مىقدارىنىڭ % 11.55ىنى ئىگىلىگەن، ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرماسلىق، زاكاس قىلغان مەھسۇلات بىلەن ئەمەلىيەتتىكى مەھسۇلات بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان.

  ئۇششاق تاۋارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەرز 2236 تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي ئەرز قىلىش مىقدارىنىڭ % 4.78ىنى ئىگىلىگەن، ئاساسلىقى تاۋارلاردىن سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلگەندە «ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش» مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش، تاۋار سېتىۋالغاندا مال سېتىۋېلىش دوكۇمېنتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر