باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان بىخەتەرلىكنى ۋە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى

2017.03.01 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان 27-فېۋرال ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پۇتىن شۇ كۈنى زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بارغان تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كىيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان ئارمىيەسىنىڭ تاجىكىستاندا ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشى رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى، ئىككى دۆلەت ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئاساسەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەمدە تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىك ۋە زەھەر جىنايىتى زەربە بېرىش جەھەتتە ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  پۇتىن سۆھبەتتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ، بۇ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بازىسىدىن پايدىلىنىپ تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر