باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى، يۈ جېڭشىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2017.02.28 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى 27-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى بىلەن كۈنتەرتىپ لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى لايىھەسىنى تەييارلاش توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىنىڭ دوكلات لايىھەسىنى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ۋە كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ چىڭلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن لىگاڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن گەن قاتارلىقلار يۇقىرىقى قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر