- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
2017.02.28 15:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچ كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى يېقىندا ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيىدا باشلاندى. مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان 40 نەچچە پارچە ھۆسىنخەت ۋە جۇڭگوچە رەسىملەر، 20دىن ئارتۇق قاشتاش بۇيۇمى ۋە ساپال قاچىلار، 150 نەچچە پارچە رەسىم قاتارلىق ئەسەرلەر شۇ جايدىكى ئاممىنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، سۈنئىي ھەمراھ، يان تېلېفون تېخنىكىسى قاتارلىق زامانىۋى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى تاشكەنت كۇڭزى ئىنستىتۇتى، تاشكەنت دۆلەتلىك شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيى ۋە جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ھەر ساھە زاتلىرىدىن 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر