باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇارۈن گۇرۇھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى سۇڭ لىننىڭ خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق دېلوسىغا 1-سوتتا سوت ئېچىلدى

2017.02.28 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 27-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، خۇارۇن (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى سۇڭ لىننىڭ خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق دېلوسىغا قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلغان.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2004-يىلىدىن 2013- يىلىغىچە، جاۋابكار سۇڭ لىن خۇارۈن ئىگىلىك تىكلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، خۇارۈن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، پاي چېكى سېتىۋېلىش ھوقۇق نامىنى ئېلىۋېلىش ۋە شۆبە شىركەتتە شەخسىي خىراجەتنى ئاتچوت قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جامائەتنىڭ پۇل- مېلىنى يەپ كەتكەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 94 مىليون 40 مىڭ 75 يۈەن بولىدۇ. 2005-يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، سۇڭ لىن خۇارۈن گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، باش مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، جىنخۇي خەلقئارا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ۋە ۋاڭ خۇڭكۈن قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۈرلەر ھەمكارلىقى، مۇكاپات پۇلىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تەمىنلىگەن مال-مۈلۈكنى سوراپ ئالغان، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 233 مىليون 634 مىڭ 890 يۈەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر