باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاۋ چۇڭجيۇ، جاڭ چۈنلىن ۋە جاۋ چىڭ قاتارلىقلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەندى

2017.03.01 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26- فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27- قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلار ماقۇللانغان: جاۋ چۇڭجيۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى؛ جاڭ چۈنلىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى؛ جاۋ چىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

  يولداش جاۋ چۇڭجيۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاۋ چۇڭجيۇ، ئەر، خەنزۇ، 1965- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ پەنجىنلىق، 1990- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى پورت، دېڭىز ياقىسى ۋە دېڭىزغا يېقىن ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قۇرۇلۇش پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى .

  يولداش جاڭ چۈنلىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاڭ چۈنلىن، ئەر، خەنزۇ، 1965- يىلى 2- ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەن دېياڭلىق، 1986- يىلى 8- ئايداخىزمەتكە قاتناشقان، 1986- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن،خىزمەتتتە تۇرۇپ ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  يولداش جاۋ چىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاۋ چىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1961- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسى پىڭيىنلىق، 1983- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1989- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىنژېنېر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر