باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«بىر ئاساسىي لىنىيە»نى پۇختا ئىگىلەيلى

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى ۋە ئالغا سىلجىتايلى

2017.02.28 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق «‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى خۇلاسە قىلىش- تەقدىرلەش ۋە سەپەرۋەر قىلىپ ئۇزىتىش يىغىنى»دا، شۇجى چېن چۈەنگو «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى پۇختا ئىگىلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى پۇختا ئىگىلەش بولسا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئايدىڭلاشتۇرغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى «سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە» بولسا، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلانغان ۋە ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، پەقەت «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم كۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش»تەك روھىي تەلىپىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرگىلى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىگىلىگىلى، چوڭقۇرلاشتۇرغىلى ۋە ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ. «سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە»نى ئىزچىلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. مەيلى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ، شارائىتنىڭ قانچىلىك جاپالىق، خىزمەتنىڭ نەقەدەر جاپا – مۇشەققەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى ساقلاپ، بوشاشماي ۋە ۋاز كەچمەي، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، نىشانغا يەتمىگۈچە بەل قويۇۋەتمەسلىك لازىم. بۇ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر