- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ نۆۋەتلىك تەييار ماي باھاسىنىڭ تەڭشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2017.03.01 15:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باھا تەڭشەش سوممىسىدا ھەر توننىسى 50 يۈەنگە يەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن، 28- فېۋرال دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسى تەڭشەلمەيدىكەن.
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017- يىلى 14- فېۋرال دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسى تەڭشەلگەندىن بۇيان، خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسىدا ئازراق داۋالغۇش بولدى، تەييار ماينىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باھا مېخانىزمى بويىچە ھېسابلىغاندا، 28- فېۋرالدىن بۇرۇنقى 10 خىزمەت كۈنىدىكى تەييار ماينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنى 14- فېۋرالدىن بۇرۇنقى 10 خىزمەت كۈنىدىكى تەييار ماينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەڭشەلگەن باھا سوممىسى ھەر توننىسى 50 يۈەنگە يەتمەيدىكەن.
«نېفىت باھاسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 7- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ قېتىملىق بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ باھاسى تەڭشەلمەيدىكەن، تەڭشەلمىگەن سوممىسى كېيىنكى قېتىملىق باھا تەڭشەشكە قوشۇپ ياكى كېمەيتىپ كۆتۈرۈۋېتىپ ھېسابلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر