باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىزىل ۋە قارا تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىكى ساختىغا زەربە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

2017.02.28 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىكى ساختىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئومۈميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن سىرت، يەنە تۇنجى قېتىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىزىل ۋە قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ساختا، قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى بازاردىن چېكىندۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئادىل باسىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بويىچە زەربە بېرىش، مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىلا زەھىرى كۈچلۈك دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇقلۇق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىزىل ۋە قارا تىزىملىك ئارقىلىق قانۇنسىز تىجارەت قىلىدىغان كارخانا ۋە ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى پاش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا قائىدىگە خىلاپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان كارخانىلارنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاپ، شۇ ئارقىلىق دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ئۆلچەملەشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر