باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە 15 مىڭ 300 ئىش ئورنىغا 10 مىڭ 500 پارچە قىسقىچە تەرجىمىھال تاپشۇرۇۋېلىندى

2017.02.28 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنلىرى، 2017-يىللىق ئىككىنچى مەيدان شىنجاڭ ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى .

  ئىگىلىنىشىچە، جەمئىي 437 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ مەيدان ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن ئورۇن ئالغان، بۇ ئورۇنلار ئىختىساسلىقلارنى 15 مىڭ 300 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، تۇنجى مەيداندىكىگە قارىغاندا % 18.6 ئاشقان .

  ئادەم تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلار ئىچىدە مەركەز كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ۋە داڭلىق ماركىلىق كۆلەملەشكەن كارخانىلارمۇ بار، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا پۇقراۋى كارخانىلار بولۇپ، %75نى ئىگىلىدى .

  بۇلار ئىچىدە، سېتىش خادىمى، مالىيە خادىمى، مەمۇرىي ئارقا سەپ خادىملىرى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىنژېنېرى قاتارلىق خادىملارنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش، توردا تەشۋىق قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرنى باشقۇرۇش، تەكشىلىك لايىھەلىگۈچى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئېھتىياجى كۆپەيگەن .

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ مەيدان ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىن مەيدانىغا 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) كىرگەن بولۇپ، 5100دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) دەسلەپكى قەدەمدە مۇددىئانامە ھاسىل قىلغان، كارخانىلار ۋە جەدۋەل تولدۇرۇش رايونى جەمئىي 10 مىڭ 500 پارچە قىسقىچە تەرجىمىھال تاپشۇرۇۋالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر