خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىش پەسلىدىكى قېيىنزارلق باغچىسى قۇياش نۇرىنىڭ ئىللىتىشىدا تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى، ئاسمان تېخىمۇ ئېگىز، رەڭگى تېخىمۇ كۆك بولۇپ، چېتىگە كۆز يەتمەيتتى. باغچىدا ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ چېنىقىۋاتقان كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پاكىز ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، كۆڭۈلمۇ ئازادىلىك ھېس قىلاتتى. قىران دەرياسىدىن ئاندا-مۇندا كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان سۇ ھورلىرى قىشتىكى قېيىنزارلىقىغا باشقىچە تۈس قوشقان ئىدى.
قېيىنزارلىقنىڭ بىر بۇلۇڭىدا، بىر ئوماق تىيىن مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ سېمىزغىنە تىيىن دەرەخ شېخىدا تۇرۇۋالغان بولۇپ، قۇياش نۇرىدا كۆزىنى يۇمۇپ، ھۇزۇرلانغان ھالدا ئارام ئېلىۋاتاتتى، بىراق ئۇ مۇخبىرنىڭ قارنى دەسسىگەندە چىقارغان غىچ-غىچ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى ۋە بۇ «تاشقى پىلانىت» ئادىمىغا تىكىلىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا بۇرۇلۇپ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا غايىپ بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى