باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى 3718 ئادەمنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىدى

700 مىليون يۈەنگە يېقىن دۆلەت تۆلىمى بېرىلدى

2017.02.28 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «جۇڭگو سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئاشكارىلاش (2013-2016)» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆت يىلدا مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 3718 ئادەمنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغانلىقى، دۆلەت تۆلىمىنىڭ 700 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشقانلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  2016- يىلى، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى ئالدىنقى ئۈچ يىلدا 23 دېلودىكى 37 كىشىنىڭ ئېغىر ناھەق بولغان خاتالىقىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىش ئاساسىدا، يېڭىدىن 11 دېلودىكى 17 كىشىنىڭ زور ناھەق بولغان خاتالىقىنى تۈزەتتى، تۈزىتىش سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خېبېيدىكى نيې شۇبىن دېلوسى، خەينەندىكى چېن مەن دېلوسىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىدى. بۇ ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى تۈزىتىش ئەدلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش ئوبرازىنى قايتىدىن نامايان قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى خىزمەت ئاساسىدا، يەنە جىنايى ئىشلاردىكى ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى بايقاش ۋە تۈزىتىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنىڭ چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 3718 جاۋابكارنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىپ، جىنايىتى بولمىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېتەكچى پىكىر ۋە يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىسلاھات پىكىرلىرى جازانى قانۇن بويىچە بەلگىلەش، گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش، ئىسپاتقا قاراپ ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق دەۋا پىرىنسىپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا مەركەزلىك ئورننى تۇرغۇزۇشى ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىنى، سوتلاشنىڭ ماددىيلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش، قانۇنسىز ئىسپات ئېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ، ھۆكۈمنىڭ قانۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت تۆلىمى دېلوسىدىن 16 مىڭ 889نى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، تۆلەم سوممىسى 699 مىليون 51 مىڭ 800 يۈەن بولغان. خۇگجېلتۇ دېلوسى، جاڭ فامىلىلىك تاغا- جىيەن دېلوسى قاتارلىق جىنايى ئىشلار ناھەق، يالغان، خاتا دېلولىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۆلەمگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر