- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ يەرلىك فىلىمى «داۋانچىڭ قىزى» 5- ئايدىن باشلاپ سۆرەتكە ئېلىنىدۇ
2017.02.28 14:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- فېۋرال، شىنجاڭ يەرلىك فىلىمى «داۋانچىڭ قىزى»نى سۆرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى خىلتون مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ فىلىمنى ئۈرۈمچى شىداۋ كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى چىيەنشۈنتاڭ يىغىپ ساقلاش بۇيۇملىرى شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەيدىكەن. فىلىمنىڭ رېژىسسورى شىداۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «داۋانچىڭ قىزى» قېرىنداشلىق، دوستلۇق، مۇھەببەتنى مەدھىيەلەيدىغان فىلىم. رېژىسسور يەنە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە غەربىي يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان فىلىم ئىشلەش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم بۇ يىل 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە سۈرەتكە ئېلىنىپ، 2018- يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە قويۇلۇش پىلانلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر