- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا تەكلىماكان قۇملۇقى مەركىزىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان 330 كېلومىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈچىنچى قۇملۇق تاشيولى ياسىلىدۇ
2017.03.01 17:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچىنچى تاشيول ياسىلىدۇ، بۇ تۈرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى لوپنۇر ناھىيەسى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى چەرچەن ناھىيەسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 330 كېلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، چەرچەن بىلەن كورلىنىڭ تاشيول مۇساپىسى 280 كېلومېتىر قىسقىرايدۇ.
نۆۋەتتە، لوپنۇر-چەرچەن تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرىنى چارلاپ لايىھەلەش ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ تۈر خېرىدار چاقىرىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغاندا، چارلاپ پىلانلاش ئۈچۈن رەسمىي دۆلەت ئىچىدە خېرىدار چاقىرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر