باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاينى چىرىكلىككە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتتى

2017.03.01 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە «يېقىنى سىياسىيگە ئارىلىشىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 28- فېۋرال تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرغان، زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاي «يېقىنى سىياسىيگە ئارىلىشىش» ۋەقەسىگە ئاساسلىق چېتىشلىق كىشى سۈي شۇنشې بىلەن بىللە سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى زېييوڭدىن پارا ئالغان.

  ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى لى گۈيجې شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پاك گيۇنخاي سۈي شۇنشې بىلەن بىرلىشىپ پارا ئالغانلىقىغا گۇمان قىلغان، ئارقىدىن كارخانىغا سودا ياردىمى بېرىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان. كورېيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۈستىگە ئالغان زۇڭلى خۇاڭ كيۇئەن يېقىندا ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن، ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى 28- فېۋرال ئاخىرلاشتى. شۇ كۈنى، ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سۈي سۇڭسې، لى زېييوڭ قاتارلىق 17 دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارى ئۈستىدىن دەۋا سۇندى. ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە لى زېييوڭ بىلەن سۈي شۇنشېلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنغاندا، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن پاك گيۇنخاي دېلوسىنى تۇرغۇزۇشنى پىلانلىغان، لېكىن پاك گيۇنخاينى تەكشۈرۈش تەكشۈرمەسلىكنى دائىمىي تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قارار قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئورۇنداپ بولالمىغان تەكشۈرۈش دېلولىرىنى سېئۇل مەركىزى يەرلىك تەپتىش نازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن، ھەمدە 6- مارت ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر