باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى چاۋشيەنگە يېڭى جازا قوللىنىشنى جاكارلىدى

2017.03.01 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشى تۈنۈگۈن چاۋشيەنگە يېڭى جازا تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قىسمەن مېتال مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى مەنئى قىلىش ۋە پەن تېخنىكا ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى چاۋشيەن بىلەن كۆمۈر، تۆمۈر ۋە تۆمۈر رۇدىسى مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىشنى چەكلەيدۇ، چاۋشيەندىن مىس، كۈمۈش، زېنىك قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. يېڭى جازالاش تەدبىرى يەنە چاۋشيەنگە يېڭى تىك ئۇچار ۋە پاراخوت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى چاۋشيەن يېقىندا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ يېرىم ئايدىن كېيىن بۇ قېتىمقى يېڭى جازالاش تەدبىرىنى جاكارلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر