باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز مالىيە–ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا مەركەز مالىيە–ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىقتىساد ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى

2017.03.01 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 28-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى، ماكرو بىلەن مىكرونى، دۆلەت ئىچى بىلەن دۆلەت سىرتىنى، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، ئومۇمىيەت ۋە يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش بىلەن كونكرېت سىياسەت تۈزۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچە خىزمەتلەرنى بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەز مالىيە – ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ۋە 2017-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، 14 قېتىم يىغىن ئېچىپ، 22 تۈرلۈك مۇھىم قارالمىنى تەتقىق قىلىپ، 400 خىلدىن ئارتۇق ۋەزىپە، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىر ۋە يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم قارارلارنى چىقىرىپ، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2017-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر