باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> پىلانى»نى تارقاتتى

2017.03.01 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> پىلانى»نى تارقىتىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تەرەققىيات نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى بېكىتتى.

  «پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ قاتناش-تىرانسپورت تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى، تور جايلىشىشىنى ياخشىلاشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىنى تايانچ قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرىدۇ. قاتناش-تىرانسپورتنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە تورىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرانسپورت بىلەن مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، بىخەتەر تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، قاتناش-تىرانسپورتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تايانچلىق، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك.

  «پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، بىخەتەر، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، قىسمەن رايون ۋە ساھەلەردە قاتناش-تىرانسپورتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. تور بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى شىفىرلىق كېڭەيتىلىپ، ئۇنىۋېرسال جىپىسلاشتۇرۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ئېشىپ، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت ۋە دەرىجىسى ئۆسۈپ، ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى كەڭ قوللىنىلىپ، يېشىل، بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شەھەر رايونىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان %80 شەھەرنى قاپلايدۇ، تۆمۈر يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى نوپۇسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان شەھەرلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلايدۇ، شەھەر رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسى 2015-يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشىدۇ، نېفىت-گاز غول تۇرۇبا تورى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 5 مىليون 400 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر