باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى (لايىھەسى) 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ

ئېلىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن-تۈزۈمى ئاساسىي رامكىسى بەرپا قىلىنىدۇ

2017.03.01 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 6-ئاي، 10-ئاي ۋە 12-ئايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھەق تەلەپ قانۇنى لايىھەسىگە ئۈچ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25-قېتىملىق يىغىنىدا، 2017-يىلى 3-ئايدا بۇ لايىھەنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. ئامما كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتا تېمىلىرىغا قارىتا، يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئىنكاس قايتۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى خۇڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنى تۈزۈش ۋەزىپىسى: ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇنى قائىدىسىنى سىستېمىلىق بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، ئېلىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭگوچە دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، مەزمۇنى ماس ھەم بىردەك، قۇرۇلمىسى ئېھتىياتچان ھەم ئىلمىي كودېكسىنى تۈزۈش. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنى تۈزۈش يېپيېڭى ھەق تەلەپ قانۇنىنى تۈزۈش بولماستىن، بەلكى ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇن-قائىدىلىرىنى ئىلمىي بىرلەشتۈرۈش؛ ئۇ يەنە ئاددىي قانۇنلار توپلىمى بولماستىن، بەلكى ھازىرقى رېئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەلگىلىمىلەرگە زۆرۈر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بارلىققا كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قاراتمىلىق ھالدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىشتىن ئىبارەت.

  مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى لايىھەسى 1986-يىلى بېكىتىلگەن ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى ئاساسىدا، «ئومۇمىي كۆپەيتكۈچنى ئېلىش» ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن-تۈزۈمىدىكى ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدىغان ۋە يېتەكچى بەلگىلىمىلەر لايىھەگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەق تەلەپ ئاساسىي پىرىنسىپى، ھەق تەلەپ قانۇنىي ھەرىكىتى، ھەق تەلەپ ھوقۇقى، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى ۋە دەۋا سۈرۈكى قاتارلىق ئاساسىي ھەق تەلەپ قانۇن-تۈزۈمىنى بەلگىلەپ، ھەم ئېلىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن-تۈزۈمى ئاساسىي رامكىسى بەرپا قىلىندى، ھەم ئايرىم تۈزۈلگەن بەلگىلىمىلەر ئاساسقا ئىگە قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر