باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشتى

2017.03.01 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 27-فېۋرال ئاق سارايدا جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشتى.

  ياڭ جېچى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن تېلېفونلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆزلىشىشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ۋە ھەر قايسى دەرىجىلىكلەر بېرىش-كېلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ساھەسى ۋە زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  ترامپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر