- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «<تويلىشىش قانۇنى> نى ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش (2)» نىڭ 24-تارمىقىغا قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقاردى
2017.03.01 17:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 28-فېۋرال «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تويلىشىش قانۇنى> غا تەدبىقلىنىدىغان بىرقانچە مەسىلىگە دائىر چۈشەنچە (2) توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە» نى ئېلان قىلىپ، ئەدلىيە ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە چېتىلىدىغان يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساختا قەرز، قانۇنسىز قەرزلەر قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ.
بۇ قوشۇمچە بەلگىلىمىگە ئاساسەن، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تويلىشىش قانۇنى> غا تەدبىقلىنىدىغان بىرقانچە مەسىلىگە دائىر چۈشەنچە (2) توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە» نىڭ 24-تارمىقىغا يېڭىدىن ئىككى تارماق قوشۇلۇپ مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئەر-خوتۇندىن بىر تەرەپ 3-تەرەپ بىلەن تىل بىركتۈرۈپ، ساختا قەرز شەكىللەندۈرۈپ، 3-تەرەپ ھوقۇقى تەشەببۇس قىلىنسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ؛ ئەر-خوتۇندىن بىر تەرەپ قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا قەرزدار بولۇپ، 3-تەرەپ ھوقۇقى تەشەببۇس قىلىنسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر