باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان شيا بوۋاينىڭ ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى

2017.03.01 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجۇ شەھىرىدىن شىنجاڭغا تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن 95 ياشلىق شيا يى بوۋاي 2-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭدىكى يەتتە كۈنلۈك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چۇڭچىڭغا ماڭدى. ئۇ شىنجاڭ سەپىرىدە ھەر ساھەدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىدىن سۆيۈندى. ئۇ شىنجاڭدا ئۇرۇش مەزگىلىدە يوقۇتۇپ قويغان ئايالى، قىزى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىمۇ بار بولدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرىدىن شىنجاڭغا تۇغقان يوقلىغىلى ماڭغان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى شيا يى بوۋاينىڭ پويىزدا تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەپ، پويىز خادىملىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى، بۇ خەۋەر ئۈندىدار ئارقىلىق تارقىلىپ، «پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىگە ياردەم بېرىش» ئۈندىدار توپى قۇرۇلدى. شەندۇڭ، شېنياڭ، لياۋنىڭ، بېيجىڭ، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى پىدائىيلار شيا بوۋاينىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تارقىتىپ، شىنجاڭدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشىنى تاپىلىدى. بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن «مېھرىبان ساقچىلار» خەيىر-ساخاۋەت پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان مەمەتتۇرسۇن دەرھال پويىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. بۇ ۋاقىتتا قۇمۇل «ئايتاغ خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى»نىڭ مەسئۇلى ئەيسا ئوسمان شيا بوۋاينى قۇمۇلدا جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. شيا بوۋاي ئۆزى بىلەن بىر ۋاگوندىكى دوختۇر خۇ شىمىڭنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشى، ئۇنىڭغا زەنجىۋىل شورپىسى تەييارلاپ ئىچكۈزۈشى بىلەن 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:04 دە قىزىتمىسىمۇ ياندى. شيا بوۋاي پىدائىيلارنى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن، قۇمۇلدا پويىزدىن چۈشۈشنى رەت قىلىپ، يولىنى داۋام قىلدى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەن سائەت 4:00 تە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە، ۋوگزالدا «مېھرىبان ساقچىلار» خەيىر-ساخاۋەت پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ساقلاپ تۇرغانىدى. بوۋاي پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە پويىز ئىستانسىسىدىكى 1-ئاۋغۇست ئارمىيە مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتى. كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىن 1-ئاۋغۇست ئارمىيە مېھمانخانىسىدىكىلەر بوۋاينى شىخەنزىگە ئاپىرىپ، پىدائىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، شيا بوۋاي شىخەنزىدىكى پىدائىيلارنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

  «مېھرىبان ساقچىلار» خەير-ساخاۋەت ئەترىتىدىكى مۆمىنجان مەمەتتۇرسۇن شيا بوۋاينى كۈتۈۋېلىپ، شىنجاڭ «سەفىيە» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە گايىتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۈچ كۈن ئۈرۈمچىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، 8-ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنى، خەلقئارا چوڭ بازار، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت كوچىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى بىلدۈردى ۋە شيا بوۋاينىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شىنجاڭ «تۇمارس» ئالىي مېھمانسارىيىدا شىنجاڭنىڭ نازۇ-نىممەتلىرىگە ئېغىز تەگكەچ، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تويىنى كۆرسىتىپ، بوۋاينى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. شيا بوۋاي يېنىغا ئېلىۋالغان خاتىرە دەپتىرىگە «پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىگە ياردەم بېرىش» ئۈندىدار توپى، «مېھرىبان ساقچىلار» خەيىر-ساخاۋەت ئەترىتى قاتارلىق ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغان ھەربىر كىشىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. ئۇ مۇنداق دېدى:_ مەن 1998-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭغا تۆت قېتىم تۇغقان يوقلاپ كەلدىم. لېكىن شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن تۇنجى قېتىم بەھرىمەن بولۇشۇم، ئىلگىرى كەلگەندە بازار ئايلانغىدەك پۇرسەتمۇ بولمىغانىدى، بۇ قېتىم ئۇيغۇر بالىلىرىمنىڭ ياردىمىدە، ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر سەپەر بولدى. بۇ قېتىملىق سەپىرىمدە باشقا يۇرتتىكى كۆپ كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. پويىزدا قىزىتمام ئۆرلەپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە بىخەتەر يېتىپ كەلدىم. شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىم بار بولدى. بۇ قېتىملىق سەپىرىمدە بىز مەيلى قايسى مىللەتتىن بولايلى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ھەممىمىزنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدىم.

  شيا بوۋاينىڭ ھازىرغىچە ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ باقمىغانلىقىنى ئاڭلىغان شىنجاڭ «سەفىيە» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدېرى ئامىنە گايىت شيا بوۋايغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىپ، قولىغا 5000 يۈەن بەردى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن سوۋغات قىلىپ، چۇڭچىڭدىكى ئوغلىنىڭ قېشىغا ئۇزۇتۇپ قويدى.

  شيا بوۋايمۇ ئايرودرۇمدا ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىغا قىيمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ: - يەنە سالامەتلىكىم يار بەرسىلا سىلەرنى كۆرگىلى كېلىمەن،-دەپ خوشلاشتى.

  لياۋنىڭدا تۇرۇشلۇق «پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش» ئۈندىدار توپىدىكى ۋۇ شۇاڭ شىنجاڭلىقلارنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: - شىنجاڭ خەلقى ھەقىقەتەن مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل خەلق ئىكەن. پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ياردەم قولىنى سۇنغان ياخشى كۆڭۈل كىشىلەرگە، شىنجاڭلىقلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

  «مېھرىبان ساقچىلار» خەيىر-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان مەمەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەن شەندۇڭدىكى بىر پىدائىي دوستىمىزنىڭ قۇرغان «پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىگە ياردەم بېرىش» ئۈندىدار توپىدىن شيا بوۋاينىڭ شىنجاڭ سەپىرىدىكى قېيىنچىلىقلىرىنى بىلدىم. بۇ بوۋىمىز ئەينى ۋاقىتتا ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقى، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمانىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى. بەلكىم بۇ ئۇچۇر ماڭا ئەمەس، ھەر قانداق بىر شىنجاڭلىققا كەلگەن بولسا، ئۇلارمۇ چوقۇم قاراپ تۇرمايتتى. شىنجاڭ «سەفىيە» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە خانىمنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى، ئامىنە خانىم ۋە پىدائىيلار ئەترىتىمىزدىكى ساقچىلارنىڭ نەچچە كۈن ھەمراھ بولۇپ ئۇنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرغانلىقىمىز بوۋىمىزنىلا خۇش قىلىپ قالماي، بىزمۇ «تەۋەررۈك» قىزىل ئامىيە جەڭچىسىنىڭ خىزمىتىدە بولالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلەندۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر