باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن خەنزۇ ياشنى قۇتقۇزغان قەھرىمانىمىز ئابدۇجېلىل يۇرتىغا قايتىپ كەلدى

يۇرتداشلار قەھرىماننى قىزغىن قارشى ئالدى

2017.03.01 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) بۇ يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرى بەيشامىن باغچىسىدا، ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچە ئويلاشماي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن خەنزۇ يىگىتنى قۇتقۇزۇپ چىققان شىنجاڭلىق 29 ياشلىق ئابدۇجىلىل ئەبەيگە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار ئالقىش ياڭراتتى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر ، «ئەتراپىمىزدىكى تەسىرلىك ئىشلار» خەۋەر پىروگراممىسى ۋە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى تاراتقۇلىرى، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بۇ يىگىتنى تېلېفون زىيارىتى قىلىپ، ئۇنىڭ نەق مەيداندىكى قەيسەر روھى، ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە نامايان قىلدى. ئەلى بابا گۇرۇھى جەمئىيىتىمىزگە ئاكتىپ كۈچ تارقاتقان خوتەنلىك ياش يىگىت ئابدۇجىلىل ئەبەينى 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى.

  بۇ ياش يىگىت بىر جاننى قۇتقۇزۇش يولىدا، دېڭىز سۈيىنى كۆپ ئىچىۋىلىپ، سەككىز كۈن خەيكۇدا داۋالىنىپ ياخشى بولغاندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يۇرتى شىنجاڭغا قايتتى. ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا ئۇنىڭدىن پەخىرلەنگەن، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن سۆيۈنگەن نۇرغۇن شىنجاڭلىق دوستلار گۈل دەستىلەر ئېلىپ، قىزىل پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. شىنجاڭلىق ھەر بىر كىشى بۇ يىگىتنىڭ ئىش- ئىزلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ غەيرەت-شىجائىتىنى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى پۈتۈن مەملىكەتكە يەنە بىر قېتىم تونۇتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىشتى. ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى مۇخبىرلىرى ئابدۇجىلىل شىنجاڭغا قايتقان نەچچە كۈندىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلدى. «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» شىنجاڭ شۇاڭيۈ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدېرى يۈ بىڭ ئۇنىڭ شىنجاڭغا قايتىشىغا تەقەززا بولۇپ تۇرغانىدى. ئۇ ئالايىتەن ئايرودۇرۇمغا چىقىپ، ئابدۇجىلىلنى شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى، شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى دەپ ماختاپ، ئابدۇجىلىلنى 5000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى. داڭلىق يىپەك يولى يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما يۇڭمۇ ئابدۇجىلىلنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ 5000 يۈەن بىلەن ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىدى. ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئېسىل تاماقلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى. فۇلىخۇا ئالىي مېھمانسارىيى ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىياپەت تەييارلاپ، «قەھرىماننى قىزغىن قارشى ئالىمىز» تېمىسىدا كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى قىلدى. مېھرىبان ساقچىلار خەير-ساخاۋەت ئەترىتىدىكىلەرمۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخرىلىك ئوغلانى ئابدۇجىلىلنى مەخسۇس قارشى ئىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ «تويلۇق» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا تون كىيگۈزۈپ، شىنجاڭ ياشلىرىغا خاس قىلغان ئىشىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئابدۇجىلىل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن يۇرتۇمدا بۇنداق كۆپ كىشىنىڭ ئالدىمغا چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. يۇرتداشلىرىمنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم، ئۇ يەردە مەن ئەمەس، سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغان شىنجاڭلىق ھەر بىر قېرىندىشىمىز بولغان بولسا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايتتى. شۇڭا بۇ قېتىم مەن پەقەت باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، دوستلۇقنى ئەۋزەل بىلىدىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلدىم. مەن ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۇرۇق-تۇغقان، بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ بىلەتتىم، مېنىڭ خەنزۇ دوستلىرىم ناھايىتى كۆپ، مەن ئىچكىرى ئۆلكىدە تىجارەت قىلىش جەريانىدا ئېغىر كۈنلەرگە قالغاندا، ئۇلار ماڭا ياردەم قولىنى سۇنغان، مەن نۇرغۇن خەنزۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شۇڭا بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم.

  خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىسلامئاۋات يېزىسى ئىسلامئاۋات كەنتىدە تۇغۇلغان ئابدۇجېلىل ئەبەي ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2009-يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىگە بېرىپ، دەسلەپتە ئائىلە جاھازىلىرىنى ياساش زاۋۇتىدا ئۆي جاھازىلىرىنى توشۇش خىزمىتىنى قىلغان. چىقىشقاق، ئاقكۆڭۈل ئابدۇجېلىل شۇ يەردىكىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، نۇرغۇن دوست تۇتقان، خەنزۇ تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگىنىپ، تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى يەڭگەن. ئۇ تىرىشىپ ئىشلەپ يول تېپىپ، 2012-يىلىدىن باشلاپ گۇاڭجۇ شەھىرىدە قاشتېشى سودىسى قىلىشقا كىرىشكەن.

  بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، ئابدۇجېلىل تىجارەت ئىشى بىلەن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىگە بېرىپ، خەيكۇ بەيشامىن باغچىسىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا، بىرسىنىڭ: - ئىنىم سۇغا چۈشۈپ كەتتى، قۇتقۇزۇۋالغان بولسىڭىز،- دېگىنىنى ئاڭلاپلا ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىرەيلەننىڭ سۇدا بىر چۆكۈپ، بىر چىقىپ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۆزىنى سۇغا ئاتقان. سۇغا سەكرەپ ئادەم قۇتقۇزغان ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدە 70 نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ھۇشىدىن كەتكەن خەنزۇ قېرىندىشىنى يۈدۈپ، قاتتىق شامال، كۈچلۈك دولقۇن، چوڭقۇر دېڭىز سۈيىدىن غالىپ كېلىپ، جاپالىق سۇ ئۈزۈپ دېڭىز قىرغىقىغا ئېلىپ چىققۇچە، ئون مىنۇت ئۇنىڭغا ئون يىلدەك، دېڭىز قىرغىقى كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسقىغىنە ئارىلىق خۇددى نەچچە يۈز كېلومېتىردەك بىلىنگەن، ئۇنىڭ ماغدۇرى قالمىغان، دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيى ئاغزىدىن كىرىپ قورسىقى سۇغا توشقان بولسىمۇ، غايىپتىن بىر كۈچ ئۇنى ئالدىغا، ئىككى ھاياتلىق ئۈچۈن قىرغاققا يېقىنلىشىشقا ئۈندىگەن. ئۇ مىڭ بىر جاپا -مۇشەققەتتە قىرغاققا يېقىنلاشقان. قىرغاققا ئاز قىلىپ، پۇتى يەرگە دەسسىگەندىلا ئەتراپتا ئۇنىڭغا ئۈمىد نەزەرى بىلەن تىكىلگەن نۇرغۇن كىشىلەر سۇغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، قولىدىكى ھۇشسىز ياتقان يىگىتنى قولىغا ئالغان. ئۇ ئاخىر ئەزرائىلنىڭ ئالدىدا جان تالاشقان يەنە بىر ھاياتلىقنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئەزرائىل چاڭگىلىدىن مىڭ تەسلىكتە قۇتۇلۇپ چىققان.

  ئابدۇجېلىل دېڭىز سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغان بولغاچقا، ياتاققا قايتىپ كېلىپ ئۈچ كۈنگىچە قىزىپ، يۆتىلىپ يۈرگەن، دوختۇرلار ئۇنىڭغا دېڭىز سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن بولغان سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، دەپ دىياگنوز قويۇپ، دوختۇرخانىغا ئالغان.

  ئابدۇجېلىل قۇتقۇزۇۋالغان خې شيۈ ئىسىملىك يىگىت بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ نەۋرە ئاكىسى بىلەن دېڭىز بويىغا ئوينىغىلى بېرىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت شاۋكەت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئابدۇجىلىل ئۆز ھاياتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ قەيسەر، جەسۇر، باتۇرلۇقىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى، بىر-بىرىدىن ياردىمىنى ئايىمايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەكىس ئەتتۈردى. ئابدۇجېلىلغا ئوخشاش ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مارشىنىڭ مەملىكىتىمىزدە مەڭگۈ ياڭرايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر