باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈل چېچىكى تاماشا قىلدىغان مەزگىل يېتىپ كەلدى

شىنجاڭنىڭ باھار پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى 24-مارت ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.03.01 18:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ 2017-يىللىق «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» __ 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ باھار پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە باھار كۆرگەزمىسى دەپ ئېلىنىدۇ)نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمە 24-مارتتىن 26-مارتقىچە تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك باھار پەسىللىك كۆرگەزمىسى «تۆت پەسىل گۈل ئېچىلىدىغان بەخىتلىك شىنجاڭ» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ گۈل پەسلى ساياھىتىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلىرى، بىرلىشىپ ئاچقان گۈل پەسلى ساياھەت ماركىلىرى، گۈل پەسلى ساياھىتىدىكى يېڭى لىنىيەلەر نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، گۈل پەسلى ساياھىتىدىكى يېڭى كەسىپلەر يېتىشتۈرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ باھار پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسىدە باھار پەسلى ساياھىتى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى، مەھسۇلات كېڭەيتىش يىغىنى، كېڭەش يىغىنى، توختام ئىمزالاش يىغىنى ۋە سودا يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشنى تىرىشىپ پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى قىزىقتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىگە ئۆزئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە سودا قىلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر