باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو «ئىككى يىغىن» مەزگىلىگە كىردى

2017.03.02 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-مارتتىن باشلاپ، خېنەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلاردىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كەينى-كەينىدىن بېيجىڭغا كەلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى 3-مارت باشلىنىدۇ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى 5-مارت باشلىنىدۇ. ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، جۇڭگو «ئىككى يىغىن» مەزگىلىگە كىرىدۇ.

  ۋەكىللەر، ئەزالار بېيجىڭغا بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سىچۈەن خەنيۈەن ناھىيەسى گۇلۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ يۈنليەن 28-فېۋرال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەتە چېڭدۇغا، 2-مارت بېيجىڭغا بارىمەن. بۇ قېتىم ئۇ يىغىنغا تۆت تەكلىپ تەييارلىدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ما يۇڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئىسلاھات ئورتاق تونۇشى، تەرەققىيات ئورتاق تونۇشى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئورتاق تونۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، بىز ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشى سادالىرىنى ياڭرىتىپ، ئاممىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە ئادىللىقى، ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالىتى قاتارلىق يېڭى تەلەپلىرىگە ماسلىشىپ، تەپتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەپتىش خىزمىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «ئىككى يىغىن» باشلىنىشتىن بۇرۇن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، ئادالەت پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، «ئىككى يىغىن» غا ۋە تەكلىپ سۇنۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەسىلەن: جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەي لىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017-يىلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىغا 38 تەكلىپنى كوللېكتىپ سۇنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىقتىساد، قانۇن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق كۆپ جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىساد تۈرىدىكى تەكلىپ 25 بولۇپ، تەخمىنەن %66 نى ئىگىلەيدۇ، يەنە مىسالغا ئالساق، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىغا 39 تەكلىپ سۇنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 23 تەكلىپ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، مۇھىت ئاسراش، نوپۇس، بايلىق قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر