باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1- قېتىملىق يىغىن ئاچتى

جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.03.05 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق يىغىن ئاچتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئادەم 169، قاتناشقان ئادەم 164، بەش كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالما تەرتىپى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىغىندا ئالدى بىلەن 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاندى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپى ئۈستىگە ئالدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى يىغىلىپ، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىنىڭ يىغىن كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىننى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇندىن 13-مارت چۈشتىن بۇرۇنغىچە 10 كۈن ئېچىش بەلگىلەندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارالما تەرتىپى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى 1-قېتىملىق يىغىنىدا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بىرقانچە ئەزاسى سايلاپ چېقىلىپ،ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئايرىم-ئايرىم ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا ئومۇمىي يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرى سايلاپ چېقىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ۋاڭ چېن، شىن چۈنيىڭ، چياۋ شياۋياڭ، فۇ يىڭ، چېن شىجۈ، مېڭ ياڭلار يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا بەلگىلەندى، فۇ يىڭ يىغىننىڭ باياناتچىلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنى تەكلىپ چارىسىنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قارار قىلىندى. يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ 11-مارت سائەت 12 گىچە تەكلىپ بېرىشى قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر