باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلاش»غا ئايلاندۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك

2017.03.05 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 4- مارت ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دە، ھەرقايسى جايلاردا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمىتى خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ئېنىق قىلدى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلاش»غا ئايلاندۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەكلىكىنى دېدى.

  مەزكۇر پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەزمۇنى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ھالدا كىتاب ئوقۇشى، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى بىلەن شۇغۇللىنىشى، مەشىق ئىشلەش، بالىلارنىڭ مۇۋاپىق ھالدا فىلىم كۆرۈشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى پىرىنسىپى ئاساسىدا ئاتا- ئانىلار ئىلتىماس قىلىش، سىنىپتا تەكشۈرۈپ چىقىش ۋە مەكتەپ بىر تۇتاش ھالدا يولغا قويۇش دېگەندەك خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش؛ ئۆيىدە قالغان بالىلار ۋە شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەر ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلەر قاتارلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەزكۇر پىكىردە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر باشقۇرۇش، خادىملار، مەيدان ۋە بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن كىيىن مۇلازىمەت قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شارائىتى ھەقىقەتەن يار بەرمەيدىغان، ئەمما دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە ئېھتىياجى بولغان بالىلار ئۈچۈن، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپ، مەھەللە ۋە مەكتەپ سىرتى پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق بايلىقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ھەرقايسى جايلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر