باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى: رۇسىيە كونكرېت ئىشلارنى ھۆكۈم قىلىشتا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قىزىقىدۇ

2017.03.02 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىياكوف 28- فېۋرال مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ئىجابىي ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىشىشى باراۋەر ئاساسىدا ئىلىپ بېرىلىشى كېرەك. رۇسىيە ئەمەلى ئىشلارغا قاراپ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۆزلىشىشكە قانچىلىق قىزىقىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە ئومۇميۈزلۈك مۇزاكىرىلىشىشنى خالايدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورنىتىش، ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇمچى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يادرو قوراللىرى سىنىغىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسىنى تەستىقلاشنى رەت قىلىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ.

  ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن ماقۇللاش ئارقىلىق، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازاسىنى بوشىتىشىغا توسقۇن قىلىپ، رۇسىيەنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قامال قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، بۇنداق رەزىل ھەرىكەتلەر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىشكە زىيان يەتكۈزىدۇ دېدى.

  ئۇ، ئىككى تەرەپ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئۇچرىشىش ئىشىغا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى، بىراق كونكرېت ۋاقىت تېخى بېكىتىلمىدى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر