باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا كورد قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.03.03 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر مەنبىجتىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ چىقمىسا، تۈركىيەنىڭ ئۇلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نۆۋەتتە، مەنبىج شەھىرىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقىنى سۇرىيە كۇردلار دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى قوراللىق تەشكىلات «خەلق قوغداش ئەترىتى» بولۇپ، تۈركىيە تەرەپ ئۇلارنى تېررورلۇق تەشكىلات، ئۇلار تۈركىيە ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى»نىڭ سۇرىيەدىكى بىر تارمىقى، دەپ قارايدۇ.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، مەنبىج شەھىرىنى ئىگىلەپ تۇرغان سۇرىيە كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ چوقۇم چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  قەدىمىي شەھەر مەنبىج سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ئۆلكىسىدە بولۇپ، شەرقتە ئېفرات دەرياسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالدا تۈركىيە-سۇرىيە چېگراسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ. بۇ شەھەرنى ئىلگىرى رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» ئۇزاققىچە ئىگىلەپ تۇرغان بولۇپ، 2016-يىلى سۇرىيە كۇردلار دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى.

  2016-يىلى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋاكالەت نومۇرى «ئېفرات دەرياسى قالقىنى» ناملىق ھەرىكەتنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا كىرىپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بەرگەن ھەمدە سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇردلار كۈچلىرىنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ساقلانغان ئىدى. سۇرىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا دەخلى- تەرۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر