باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ماڭدى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى

2017.03.03 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان ۋەكىللەر، باھاردىكى بىر مەيدان كاتتا مەرىكىگە يول ئالدى. 2- مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا شىنجاڭدىن قاتنىشىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئايرودرومغا چىقىپ ۋەكىللەرنى ئۇزۇتۇپ قويدى .

  لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى ئۆتكەن ئىشلارنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان مۇھىم يىغىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، ۋەكىللەر «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇملىقى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىشى لازىم. خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىدا مۇقىم قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبى باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن مەھكەم باغلانغانلىقىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقى ۋە جاسارەتلىك-ياراملىق بولغان ياخشى روھىي قىياپىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.

  ۋەكىللەر بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىمىز بىلەن يىغىنغا قاتنىشىمىز، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساداسىنى يىغىنغا ئاپىرىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىمىز ئاتا قىلىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ ۋە ما مىڭچېڭ قاتارلىقلار ئۇزىتىشقا بىللە چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر