خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زېھنىي كۈچ ۋە ئەقىل-پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا باشلاندى. يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2000دىن ئارتۇق ئەزاسى «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش قاتارلىق دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلايدۇ.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۇن،چېن شياۋگاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2205، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2134 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.
يۈ جېڭشېڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى يەتتە جەھەتتىن خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئۇلۇغۋار مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆرۈنەرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ راۋاج تېپىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئىنتايىن زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇختا، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كېڭەيتىپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى