باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىخەنزە قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلارنى پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلماقچى

2017.03.03 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۆلچەرلىنىشىچە، 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىخەنزە شەھىرىدە قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان «ئادالەت» ۋە «مەرۋايىت» ماركىلىق يانفونلار بارلىققا كېلىدىكەن، ھەمدە پاكىستان، ھىندىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا ئېكىسپورت قىلىنىدىكەن.

  3- مارت مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىخەنزە شەھەرلىك ئادالەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يانفون ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى كىرگۈزۈپ، يانفونلارنى قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

  بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى شيەنمىن مۇنداق دېدى: «يانفونلارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى شىخەنزىگە يېتىپ كەلدى، قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى ئۈسكۈنىلىرى بەلكىم بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە زاۋۇت ئۆيى ۋە ئىسكىلات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىرلىنىپ بولدى، خادىملارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز جايىغا ئورۇنلىشىپ بولدى، 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەنمەكتە.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر