باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋە ئامېرىكا «شاڭخەي ئاخباراتى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2017.03.02 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بىلەن رىچارد نىكسون فوندى 28- فېۋرال ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ يوربا لىندا شەھىرىدىكى نىكسون كۇتۇپخانىسىدا زۇڭتۇڭ نىكسوننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكى ۋە «شاڭخەي ئاخباراتى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ لوس ئانجىلىستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ليۇ جيەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «شاڭخەي ئاخباراتى» بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى بېكىتكەن بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، 1979- يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، 38 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان ئىككى تەرەپ تارىخىي كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتتى، مۇقىم ۋە ياخشى بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدى بولۇپ قالدى.

  رىچارد نىكسون فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بىل بارىبولت مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە 1972- يىلى نېكسون زۇڭتۇڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، غايەت زور يۈكسىلىش بارلىققا كەلدى، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت سودا ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەر 17 مىنۇتتا بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ، يەنە جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشمۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ «شاڭخەي ئاخباراتى»نىڭ روھى بويىچە، بىر بىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىپ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خاتىرلەش مۇراسىمىغا يەنە 1972- يىلى نىكسون جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولغاندا بىللە كەلگەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى، نىكسوننىڭ نەۋرىسى كرىستوفېر نىكسون كوكىس، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار قاتناشتى.

  1972- يىلى، جۇڭگو-ئامېرىكا بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى بىرلەشمە ئاخبارات، يەنى «شاڭخەي ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى. ئاخباراتتا، «پەقەت بىرلا جۇڭگو بار»، «تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى ئامېرىكا تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى. «شاڭخەي ئاخباراتى» بىلەن ئىككى دۆلەت 1978- يىلى ۋە 1982- كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتى ۋە «1- ئاۋغۇست ئاخباراتى» بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججىتى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر